ئۇيغۇرچە Uyghurche уйғурчә

ھەققىمىزدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زىيارەتچى قېرىندىشىم!
كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.
تۆۋەندە توربېكەتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىدى ۋە سورىلاش ئېھتىماللىق سوئاللارغا قىسقىچە جاۋاپ بېرىلىدۇ:

بۇ توربېكەت، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە يارىشا لايىق تېپىشىغا ياردەملىشىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.
ساغلام بىر ئائىلىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى تونۇشى زۆرۈر. تۇنۇشۇش يا ئەتراپىمىزدىكى دوست-يارەنلەر ئارقىلىق ياكى ئىجتىمائى ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بولىدۇ. ئاتا-ئانا، ئورۇق-توغقان، يار-بۇرادەرلەردىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ لايىق تېپىشى ئاساسەن ئىككىنچى ئۇسۇل بىلەن بولىۋاتىدۇ. بىزمۇ مۇشۇ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ توربېكەتنى تەسىس قىلدۇق.
سىز توربېكەتتىكى جەدۋەلنى توشقۇزۇپ يوللىغاندىن كېيىن قىزلىرىمىز بىلەن ئاياللار ھەيئىتى، ئوغۇللىرىمىز بىلەن ئەرلەر ھەيئىتى مۇمكىن بولسا يۈزتۇرانە، ناۋادا باشقا ۋىلايەت ۋە دۆلەتلەردە ياشايدىغان بولسىڭىز تور ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، نىكاھلانماقچى بولغان نامزاتلارنى مۇمكىن قەدەر ياخشىراق تونۇپ، ھەر جەھەتتىن ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان نامزاتلار بىلەن شەرىئەت دائىرىسىدە ئۇچراشتۇرۇپ، دىننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە توي قىلىۋېلىشىغا ياردەملىشىشكە تىرىشىدۇ.
پەيغەمىبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «دىن، سەمىمىيەتتۇر» ھەدىسىگە ئاساسەن نىيىتىمىز دۇرۇس، سۆز ۋە ھەرىكىتىمىزدە سەمىمىي بولساقلا ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزغا يەتكۈزىدۇ. شۇ جۈملىدىن نىيىتىڭىز خالىس بولۇپ، ئىمانىڭىزنىڭ يېرىمىنى تولۇقلاش، تا جەننەتكىچە قول تۇتۇشۇپ ياشايدىغان، ئەۋلادلارنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ تەلىماتلىرىغا ئاساسەن، مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان، دىنىنى، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيلەشنى مەقسەت قىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، نىيەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىدىغان، ھەممىنى جۈپ ياراتقان پەرۋىشكارىمىز چوقۇم كۆڭلىڭىزگە يارىشا بىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.

سوئال - جاۋابلار:


1. توربېكەتنىڭ مەقسىتى نېمە؟
ئۇيغۇر ياشلىرىدىن توي قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئەمما لايىق تېپىشتا قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە ئەڭ لايىق ئاخىرەتلىك جۈپتىنى تېپىشىغا ياردەملىشىش.

2. بۇ توربېكەت ئۆزئارا دوستلىشىش ئۈچۈن قۇرۇلغانمۇ؟
ياق. بۇ توربېكەت، ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىشقا ۋاسىتە بولۇش ئۈچۈن قۇرۇلمىغان، توربېكەتنىڭ لايىھەسىمۇ ئۇنداق دوستلۇشۇشقا ماس كەلمەيدۇ.

3. بۇ توربېكەت ئارقىلىق پايدا-مەنپەئەت قولغا كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغانمۇ؟
ياق. توربېكەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ ھېچقاچان بۇ ئارقىلىق ماددىي مەنپەئەتكە ياكى يۈز-ئابرۇيغا ئېرىشىش غايىسى يوق.

4. توربېكەت مەسئۇللىرىنىڭ رولى نېمە؟
تور بېكەت مەسئۇللىرىنىڭ رولى، كەلگەن تەلەپلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ، ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلىپ، توي قىلماقچى بولغان ياشنىڭ تەلىۋىگە ماس كېلىدىغان لايىقنى تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەت.

5. كەلگەن تەلەپلەرنى كىم كۆرىدۇ؟
توربېكەت ئۈستىدىن تولدۇرۇلۇپ يوللانغان مەلۇماتلارنى توربېكەت باشقۇرۇغۇچىسى كۆرىدۇ. باشقۇرغۇچى، قىز-ئاياللاردىن كەلگەن تەلەپنى ئاياللار ھەيئىتىگە، يىگىتلەردىن كەلگەن تەلەپنى ئەرلەر ھەيئىتىگە يوللاپ بېرىدۇ. ھەربىر ھەيئەت ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، تەلەپكە جاۋاب بېرىشكە تىرىشىدۇ. بۇ جەرياندا نۆۋىتى كەلسە ئۆزئارا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

6. توي قىلماقچى بولغان ياشلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىلەمدۇ؟
ھازىرچە توي قىلماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتىمىز يوق. ئەمما ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ توي قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئالاقە دائىرىمىزدىن پايدىلىنىپ ياردەملىشىشكە تىرىشىمىز. لېكىن ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشنى ۋەدە قىلمايمىز.

7. سىلەر ئارقىلىق توي قىلماقچى بولغان ياشلارغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلساق بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە، مەسئۇللار بىلەن ئالاقىلىشىپ، توي قىلماقچى بولغان ياشلارغا ياردەم قىلسىڭىز بولىدۇ.

8. نىكاھقا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرىلەمدۇ؟
ياق. بۇ توغرىدا سورايدىغان سوئاللىرىڭىز بولسا ساجىيە تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇستازىمىز دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ قېرىندىشىمىزغا سورىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئاللاھ بارلىق بويتاق قېرىنداشلىرىمىزغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆڭۈللىرىدىكى جۈپتىلىرى بىلەن نىكاھلىنىشنى نېسىپ قىلسۇن.

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

ھۆرمەت بىلەن نىكاھ ھەيئىتى گۇرۇپپىسى