ئۇيغۇرچە Uyghurche уйғурчә

ئائىلە جەننەتتۇر

 ئائىلە جەننەتتۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ

aile_cennettur_1

ئائىلە بىناسىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ئەر _ ئايال ئىككىسىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ۋە ئۈستىدىكى ھەق _ ھوقۇقلارنى تونۇشىغا باغلىقتۇر.

ئەرـ ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇر- ھالاۋەتلىك ھالدا بەختلىك داۋام قىلىشى ئەر _ ئايال ئىككىسىنىڭ بىر_ بىرىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە ۋە سەمىمىي مۇئامىلىسىگە باغلىقتۇر.

ئائىلە ئەزالىرىنى بەختلىك قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى قانائەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قانائەت تۈگىمەس بايلىقتۇر»  دەپ كۆرسەتكەن. قانائەت قىلمايدىغان ئادەم دۇنيانىڭ پادىشاھى بولغان ياكى دۇنيانىڭ پۈتۈن بايلىقىغا ئىگە بولغان ۋە ياكى تىلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ ھەرگىز بەختلىك بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئېرىشكەنلىرىگە تويمايدۇ. ئىنساننىڭ نەپسىنى قانائەتتىن باشقا نەرسە تويغۇزالمايدۇ، ئازغا قانائەت قىلمايدىغان ئادەم كۆپكىمۇ قانائەت قىلمايدۇ. قانائەت قىلىدىغان ۋە شۈكۈر قىلىدىغان ئائىلە ئەڭ بەختلىك ئائىلىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۆزۈڭلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارغا قاراڭلار، ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى تۇرىدىغانلارغا قارىماڭلار. بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە توزكورلۇق قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر»  دەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا، بايلىقتا ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىدە ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارغا، تەقۋادارلىقتا ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلارغا قاراش ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە بەخت- سائادەتنىڭ يولىدۇر. چۈنكى سىز تۇرمۇش سەۋىيەسى سىزدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارغا قارىغىنىڭىزدا، ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى ئۇلاردىن ئارتۇق قىلغانلىقىدىن سۆيۈنىسىز ۋە خۇشال ياشايسىز. تەقۋادارلىقتا سىزدىن يۇقىرى كىشىلەرگە قارىغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىڭىزنى بىلىسىز ۋە تولۇقلاشقا تىرىشىسىز.

ئائىلە قۇرۇش كاتتا نېمەتتۇر

ئۆيلىنىپ ئائىلە قۇرۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان كاتتا نېمىتى ۋە بۈيۈك رەھمىتىدۇر. قۇرئان كەرىمدىكى: ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىن بىرى، ئاياللاردىن ئۇنىسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن يارىتىپ، ئاراڭلاردا مېھىرـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقىدۇر. پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار( ) دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر ئائىلە مېھر- مۇھەببەت ۋە سەمىمىي ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. ئەمما بەزى ئەر- ئاياللارنىڭ ئاڭسىزلىقى، دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلماسلىقى، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇماسلىقى ۋە بىر-بىرىگە قارىتا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەق-ھوقۇقلارنى ئادا قىلماسلىقى سەۋەبلىك بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەلبىدىن رەھىم-شەپقەت بىلەن مېھىر- مۇھەببەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، جەننەت بولۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئائىلە دوزاخقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەر بىلەن ئايال يا بەختسىز تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياكى ئاجرىشىپ پەرزەنتلىرىنى يېتىم قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ئائىلە مۆجىزىدۇر

تۇرمۇش قۇرۇپ بىر ئائىلىنى تەسىس قىلىش چوڭ بىر مۆجىزىدۇر. چۈنكى بىر-بىرى بىلەن ياشاپ باقمىغان، بىللە چوڭ بولمىغان، ھەتتا بىر-بىرىنى كۆرۈپ باقمىغان ۋە تونۇمايدىغان، بىر ئەر بىلەن بىر ئايالدىن ئىبارەت يات ئىككى ئىنسان بىر-بىرىگە ئۆيلىنىش ئارقىلىق دۇنيادا بىر-بىرىگە ئەڭ يېقىن، ئەڭ ئامراق ۋە سەمىمىي ھايات شېرىكلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار شۇنداق شېرىكلەرگە ئايلىنىدۇكى، مۇھەببىتىنى، بەخت- سائادىتىنى، مال-دۇنياسىنى ۋە بارلىق نەرسىسىنى بىر-بىرىگە ئاتاپ، تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار شۇنداق يېقىن بولۇپ كېتىدۇكى، ئەڭ يېقىن ئاتا-ئانىسىغا، قېرىنداشلىرىغا ئېيتمىغان سىرلارنى بىر-بىرىگە ئېيتىشىدۇ.

ئۆيلىنىش مۆجىزىسى ئىككى يات مىللەت كىشىلىرىنىمۇ بىر ياستۇقتا باش قويغۇزۇش ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ بىر تەنگە ئايلاندۇرىدۇ. ئۆيلىنىشتىن باشقا قايسى سەۋەب ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە مۇنداق يېقىن قىلالايدۇ؟!

ئائىلىنىڭ مەسئۇللۇقى

ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمى، يەر يۈزىدە ئىنسان ھاياتىنىڭ داۋام قىلىشىنىڭ سىرىدۇر. ھەرقانداق بىر ئائىلىدە، ئائىلە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش، ئۇلارغا يول كۆرسىتىش، نەسىھەت قىلىش، يامان ئىشلاردىن توسۇش، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش، ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا بىرەر مەسىئۇلنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. چۈنكى، ئىنسانلار ئىجتىمائىي مەخلۇقات بولۇپ، بىرلىشىپ ياشاشقا مۇھتاجدۇر. ئىنسانلار جەمئىيىتى يۇقىرىسى دۆلەت، كىچىكى ئائىلىدىن ئىبارەت چوڭ _ كىچىك مۇئەسسەسەلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ مۇئەسسەسەلەر مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، بۇلارغا يولباشچى بولىدىغان بىرەر مەسئۇل رەئىسنىڭ بولۇشى تەبىئىي زۆرۈرىيەتتۇر ۋە دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر. ئائىلە تەبىئىي ھالدا، ئۆزىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغان بىرەر مەسئۇلغا موھتاج.

قۇرئان كەرىم ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدىغان رەئىس توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ يەنى «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر»( ). چۈنكى، ئەر ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ئائىلە ئەزالىرىنى ئىدارە قىلىش ۋە تەربىيىلەش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقى ئايەت، ئەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى بۇ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئۇنى ئائىلىنىڭ رەئىسى بولۇشقا تاللايدۇ. بىراق بۇ ئايەت، ئەرنىڭ ئائىلە باشلىقى بولۇپ تاللىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئايالدىن پەرقلىق بولغان تەرەپلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلمىغان. بىز بۇ ئايەتكە ئاساسلانغان ۋە ئۇنىڭ روھىغا ئەگەشكەن ھالدا، ئەر بىلەن ئايالنىڭ يارىتىلىشىدىكى تەبئىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئەردە تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرىمىز:

1. ئەر ھاياتلىق كۈرەشلىرىگە كىرىشتە ۋە ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئايالغا نىسبەتەن تەن قۇرۇلۇشى جەھەتتىن كۈچلۈك ۋە ئىقتىدارلىقتۇر.

2. ئەر ئايالغا نىسبەتەن ئەقىل _ ئىدراكلىق، سوغۇق قان ۋە سەۋرچان كېلىدۇ. ئومۇمەن، ئايال جىنسىنىڭ ئەر جىنسىغا نىسبەتەن ئەقىل _ ئىدراك، چىدام ۋە كۈچ جەھەتتە يېتەرسىز ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بىر رىئاللىقتۇر. بەزى ئاياللارنىڭ بەزى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئەقىللىق ۋە ئىدراكلىق بولۇشى قىسمەن بىر ھالەت بولۇپ، بۇ ئومۇمنى تەشكىل قىلمايدۇ.

ئەرنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى

    ئەرنىڭ ئۈستىدىكى ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

 1.  ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى، ئۇنى ئاسرىشى، پۈتۈن مۇھەببىتىنى ۋە سۆيگۈسىنى ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ھالدا، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشى.

 2.  ئايالىنىڭ بەزى خاتالىقلىرىغا، بولۇپمۇ ئايالىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ قالغان چاغلاردىكى بەزى يېقىمسىز مۇئامىلىسىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىشى، دەردىنى ئاڭلاپ ھالىغا يېتىشى.

 3.  ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى، ئايالىغا بولغان سۆيگۈسىنى ھەر ۋاقىت ئىزھار قىلىپ تۇرۇشى.

 4. ئايالىنى باشقىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كۆزلىرىدىن ۋە تەمەلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىشتا غورۇرلۇق بولۇشى. ئايالىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنى قەدىرلىشى، ئائىلىنىڭ بوزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن غەپلەتتە قالماسلىقى. لېكىن ئايالىنى كۈنلىدىم دەپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن جاسۇسلۇق قىلماسلىقى، بەتنىيەتلىك بىلەن ئايالىنى ئاساسسىز قارىلىماسلىقى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى يامان گۇمان قىلىشتىن مەنئى قىلغان.

 5.  ئايالىنى ئىمكان قەدەر ئاتا ـ ئانىلاردىن ئايرىم ئۆيدە تورغۇزۇشى، ئۆينىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلىق نەرسە ـ كېرەكلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشى، ئايالىغا قېيىن ئاتا ۋە قېيىن ئانىسىنىڭ پۈتۈن يۈكلىرىنى يۈكلىۋالماسلىقى.

 6.  ئايالىنىڭ بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مەھرىنى ۋە باشقىمۇ ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى.

 7. ئايالىغا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى ــ ناماز، روزا، زىكىر، دۇئا ۋە قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق پۈتۈن ئىبادەتلەرنى ئۆگىتىشى ھەم ۋاقتىدا ئورۇنداشقا ئۈندىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بۇ ئىشلاردا ياردەم بېرىشى.

 8. ئايالى ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئۇرماستىن نەسىھەت قىلىپ يولغا كىرگۈزۈشى، ئىمكانقەدەر ئايالىنى ئۇرماسلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىنى ئۇرمايدىغانلاردۇر»( ) دەپ كۆرسەتكەن. ئايالغا بېرىلىدىغان ئەڭ قاتتىق جازا ياتاقنى ۋاقىتلىق ئايرىشتۇر.

 9. ئايالى ناۋادا تۇغۇشنى ئارزۇ قىلسا ياكى يامان غەرەز بىلەن ئەمەس، بەلكى يوللۇق ئۆزرىسى تۈپەيلى تۇغماسلىقنى تاللىسا، ئۇنى تۇغۇشقا مەجبۇرلىماي، ئۆزئارا كېڭىشىش بىلەن ئىش كۆرۈش.

 10.  ئايالىنىى ياكى ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ياكى تۇغقانلىرىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى ۋە مەسخىرە قىلماسلىقى.

 11. ئايالىغا ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشىشى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللىرىغا ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشەتتى.

 12.  بىردىن ئارتۇق ئايالى بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن ئىشلاردا ئادالەتلىك ئىش كۆرۈشى.

 13.  ئايالى بىلەن ئاجرىشىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماستىن، زىيان يەتكۈزمەستىن، ئازار بەرمەستىن، ئەيبىنى ئاچماستىن چىرايلىقچە ئاجرىشىشى، ئىلگىرى بەرگەنلىرىنى ۋە تويلۇقنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى تەلەپ قىلماسلىقى.

 يۇقىرىقىلار ئەرنىڭ ئۈستىدىكى ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان ھەقلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى مۇھىملىرىدىن بىر قىسىمىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە سۆزلىگەن خۇتبىسىدا مۇسۇلمان ئەرلەرگە ئاياللارنى ئاسراش توغرۇلۇق ناھايىتى مۇھىم ۋە تەسىرلىك ۋەسىيەتلەرنى قىلغان.

ئايالنىڭ ئېرىگە ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى

 ئايالنىڭ ئېرىگە قىلىدىغان مۇئامىلىسى ۋە ئۆتەيدىغان ھەقلىرى تۆۋەندىكىلەر:

 1. ئېرىنىڭ ھەققىنى ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ ۋە جىمى تۇغقانلىرىنىڭ ھەققىدىن ۋە مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى.

 2. ئايلىق ئادەت ۋە تۇغۇتلۇق ۋاقىتلىرىدىن باشقا، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىمكانقەدەر ئېرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى. ئەرـ ئايال بىر ـ بىرىنىڭ رىغبىتىگە ماسلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر. كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشى كۆپىچە بۇ سەۋەبتىن بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللارغا بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئايالنىڭ ئەرنىڭ رىغبىتىگە ماسلاشماي ئۇنى رەنجىتىپ قويۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 3. ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارغا ئۆيدىن بىر نەرسە بەرمەسلىكى. ئەمما يېمەك ـ ئىچمەكتىن باشقىلارغا سەدىقە بەرسە بولىدۇ.

 4.  ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز سەپەرگە چىقماسلىقى، ئېرى ياقتۇرمايدىغان ئەر ياكى ئايال ھەر قانداق كىشى بىلەن ئارىلاشماسلىقى.

 5.  ئاللاھ بەرگەن رىزىققا قانائەتلىك بولۇشى، قاتتىقچىلىق كۈنلىرىدە ئېرىدىن شىكايەت قىلماسلىقى، ياخشى كۈنلەردە ئاللاھنى ئۇنۇتماسلىقى، ئېرىنىڭ مېھنىتىنى ھەر ۋاقىت قەدىرلەپ تۇرۇشى. ئەڭ ياخشى ئايال ئېرىگە ھەمىشە: «ھارام كەسىپتىن ساقلانغىن، بىز تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز، ئەمما دوزاخ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز» دەيدىغان ئايالدۇر.

 6.  ھەر ۋاقىت ئېرىگە گۈزەل، خۇش پۇراق ۋە يېقىملىق كۆرۈنۈشكە زور ئەھمىيەت بېرىشى، ئېرى ئۈچۈن قولىدىن كەنگەنچە ئەڭ گۈزەل زىننەتلىنىشى ۋە مۇكەممەل ياسىنىشى، ئەمما ئېرىدىن باشقىلار ئۈچۈن زىننەتلەنمەسلىكى، ئېرى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىدىن باشقىلارغا يۈزى، قولىدىن باشقا ئەۋرەت ئەزالىرىنى كۆرسەتمەسلىكى، يات كىشىلەرنىڭ ئالدىدا قىسقا، نېپىز كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىشى. ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا ناھايىتى ئېسىل ۋە گۈزەل كىيىنىپ، ئۆيىدە ئېرىنىڭ يېنىدا ئاشخانىدىن چىققان پېتى ماي ۋە تەر پۇراپ ئولتۇرۇشى چوڭ خاتالىقتۇر. چۈنكى ئەرلەرنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى مۇشۇدۇر.

 7. ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى ساقلىشى. ئەر – خوتۇنلۇق سىرلىرىنى سىرتقا يايغۇچىلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەنەت قىلغان ۋە ئۇلارنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ھېچ سۆز قىلماستىن، شەپقەت نەزىرى بىلەنمۇ قارىماستىن جازالايدىغانلار قاتارىدىن سانىغان.

 8. ئېرىنىڭ دوستلىرى بىلەن ئېرى بولمىغان جايلاردا پاراڭلاشماسلىقى، ئېرى يوق ۋاقىتتا كەلگەن يالغۇز، ئەر مېھماننى يالغۇز قارشى ئالماسلىقى. ئۆزى يالغوز بولسا، ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلماسلىقى.

 9. ئېرىگە ھۆسنى ـ جامالى، بايلىقى ياكى مەنسپى بىلەن پەخىرلىنىپ چوڭچىلىق قىلماسلىقى، يەنى ئايال ئېرىدىن بىرقەدەر ئارتوق جامالغا، بايلىققا، مەنسەپكە ياكى ئېسىل نەسەبكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ چوڭچىلىق قىلماسلىقى، تىل ئۇزاتماسلىقى.

 10. پەرزەنتلىرىگە مېھرىبان بولۇشى، ئۇلارنى ئۇرۇپ، تىللىماستىن ياخشى تەربىيىلىشى، ئېرىنىڭ باشقا ئايالدىن بولغان پەرزەنتلىرى بولسا، ئۇلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە قوشۇپ ياخشى بېقىشى ۋە قەتئىي ئايرىمچىلىق قىلماسلىقى.

 11. ئۆي ئىچىنى پاكىز، رەتلىك تۇتۇشى، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىشى.

 12. ئايال ئېرىگە يوقسۇللۇقتىن، كىرىمنىڭ ئازلىقىدىن دەرتلەنمەسلىكى ۋە ئېرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ ئائىلىنى بېيىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى.

13. ئايال قېيىن ئانىسى ۋە قېيىن ئاتىسىنى ھۆرمەتلىشى، ئىمكانقەدەر ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇپ، ياخشى دۇئالىرىنى ئېلىشقا تىرىشىشى لازىم. چۈنكى ئۇمۇ شۇلارغا قىلغانلىرىنىڭ ئوخشىشىنى كېيىنچە كېلىن ياكى كىئوغۇللىرىدىن كۆرىدۇ. «بۇ ئالەم-ئۆتنە ئالەم» دەپ بىكار ئېيتىلغان ئەمەس.

ئەڭ ياخشى ۋە ئۈلگىلىك ئايال

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەڭ ياخشى ئايال قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئەڭ ياخشى ئايال — چىرايىغا قارىساڭ سېنى خۇشال قىلىدىغان، ئىشقا بۇيرۇساڭ ئورۇندايدىغان، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىمۇ ئېرى بىلەن قارشىلاشمايدىغان ئايالدۇر»  دەپ جاۋاب بەرگەن.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «دۇنيا مەنپەئەتتۇر. دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى مەنپەئەتى ئۈلگىلىك ئايالدۇر»( ).

ئۈلگىلىك ئايال دېگەن قانداق بولىدۇ؟

ئۈلگىلىك ئايال _ ئاۋۋال ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز ئۈستىدىكى ھەقلىرىگە، ئاندىن ئېرىنىڭ ھەقلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىپ، ئۇلارنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ئايال دېمەكتۇر. ئۈلگىلىك ئايالنىڭ سۈپىتى ـ_ ئېرىگە چىن ساداقەت باغلاش، ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا كۆيۈنۈش، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش، ئېرىنى قەدىرلەش، ئېرى ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىكلىرىنى بىلىش، ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا بەرگەن قىسمەتكە رازى بولۇپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىش قاتارلىقلارغا ئىخچاملىنىدۇ.

ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر

ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەققى ناھايىتى چوڭدۇر. چۈنكى ئەر ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ئائىلە ئەزالىرىغا يول كۆرسىتىش، ئۇلارنىڭ غېمىنى يېيىش قاتارلىق بىر قاتار مەسئۇلىيەتلەر سەۋەبلىك ئائىلىدە ئىتائەت قىلىنىشقا ھەقلىقتۇر.  ئائىشە رەزىيەللاھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ‹ئايالنىڭ ئۈستىدە ئەڭ كۆپ ھەققى بار كىشى كىم؟› دەپ سورىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئېرى› دەپ جاۋاب بەردى» . شۇڭا ئايالنىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئېرىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ دېگەنلىرىنى ئورۇندىشى زۆرۈردۇر. دىنىمىز ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنى، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشىنى ۋە ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشىنى شۇنچىلىك زۆرۈر دەپ بەلگىلىگەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئېرى يېنىدا بار ئايالنىڭ رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي روزا تۇتۇشى توغرا ئەمەس»  دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئېرى تۆشەككە چاقىرسا ئۇنىمىغان ئايالغا پەرىشتىلەر تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇپ تۇرىدۇر»  دېگەن.

ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلشى ئاتا ـ ئانىسىغا ئىتائەت قىلشىتىن مۇھىم

ئايال تۇرمۇشقا چىقىشتىن بۇرۇن ئاتا ـ ئانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىدە ۋە ئۇلارنىڭ ئىگدارچىلىقىدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەر ئىشتا ئاتا ـ ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشى لازىم. ئەمما تۇرمۇشقا چىققاندىن كېيىن ئۇنى پەرۋىش قىلىش، قوغداش ۋە ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى ئۇنىڭ ئېرىنىڭ زىممىسىغا ئۆتكەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئايالنىڭ ئېرىنىڭ توغرا قارارىغا بويسۇنىشى، ئاتا ـ ئانىسىغا بويسۇنۇشىدىن زۆرۈر ۋە ئەۋزەلدۇر. ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ پەتىۋاسىدا «ئەرنىڭ توغرا ئىشىغا ياكى ھەق سۆزىگە، ئايالىنىڭ ئاتا ـ ئانىسى قارشى چىقىپ، قىزىنىڭ قولىقىنى تولغاپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە بويسۇنۇشقا زورلىسا، بۇ ۋاقىتتا ئايال ئاتا ـ ئانىسىغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئېرىنىڭ توغرا سۆزىگە كىرىشى لازىم» دەپ قەيت قىلىنغان. چۈنكى ئايالنىڭ ھەق ئىشتا ئېرىگە بويسۇنغانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تۇتقانلىقىدۇر.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ھەقىقىي ياخشى ئاياللارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئېرىنىڭ سۆزىگە كىرىدىغان، ئۇنىڭ ئابرويىنى، مال ـ دۇنياسىنى، بالىلىرىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئاياللار ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلماقتا. قۇرئان ئۇلارنى تەرىپلەپ ۋە مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ: فَالصَّالِحَاتُ قَانِتَاتٌ حَافِظَاتٌ لِلْغَيْبِ بِمَا حَفِظَ اللَّهُ يەنى ﴿ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر﴾( ).

ياخشى ئايال ئېرىنى ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى، ئۆزىدىن ۋە ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ. بۇ ئىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنىڭ ئاياللىرى بىزگە ياخشى ئۈلگىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكى بىر كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبلىك ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەرنى ياكى ئاتا ـ ئانىسىنى تاللىشى مەسىلىسىدە، ئۇنى ئاتا ـ ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە بۇيرىغاندا، ئۇ «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىز توغرۇلۇق مەن ئاتا ـ ئانامدىن مەسلىھەت سورامدىمەن؟ سىز مېنىڭ كۆز قارچۇغۇم تۇرغان يەردە، مەن ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى تاللىدىم» دەيدۇ.

بىر كۈنى ئەبۇ سۇفيان قىزى (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى) ئۇممە ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئۇزاق ئايرىلىشتىن كېيىن، كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ، لېكىن قىزى ئۇنىڭغا ئۆيىگە كىرىشكە ئىجازەت بەرمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەبۇ سۇفيان ئۆزىچە كىرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرىدىغان مەخسۇس كۆرپىدە ئولتۇرۇشقا ئىنتىلگىنىدە، ئۇممە ھەبىبە كۆرپىنى دەرھال ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەبۇسۇفيان ئەجەبلىنىپ: «ئەي قىزىم، كۆرپىنى مەندىن تارتىۋىلىشىڭىز مېنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشۇمغا لايىق بولمىغانلىقىمدىنمۇ ياكى كۆرپىنىڭ ماڭا لايىق ئەمەسلىكىدىنمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇممە ھەبىبە:«سىز ــ مۇشرىك (بۇتپەرەس) ئادەمسىز، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرپىسى، شۇڭا سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشىڭىزنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «قانداقلا بىر ئايال، ئېرى ئونىڭدىن رازى بولغان ھالدا ئۆلىدىكەن، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ»( ).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بىر ئادەم سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئايالىغا ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىپ كېتىپ قالىدۇ، بۇ ئادەم سەپەردىن قايتىپ كەلگىچە، ئايالىنىڭ دادىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالىدۇ، بۇ ئايال ئېرىنى كۈتۈپ باقىدۇيۇ، ئېرى قايتىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ، رەسۇلۇللاھتىن دادىسىنى يوقلاپ كېلىشى ئۈچۈن رۇخسەت سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا، ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭ، ئېرىڭىزنىڭ تەۋسىيەسىگە خىلاپلىق قىلماڭ، دەپ رۇخسەت بەرمەيدۇ. ئايال يەنە ئېرىنى كۈتىدۇ. بۇ ئارىدا دادىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى كېلىدۇ. ئايال يەنە رەسۇلۇللاھتىن دادىسىنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىگە بېرىپ كېلىشى ئۈچۈن رۇخسەت سوراپ كېلىدۇ، رەسۇلۇللاھ يەنە ئۇنىڭغا :‹ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭ، ئېرىڭىزنىڭ تەۋسىيەسىگە خىلاپلىق قىلماڭ› دەپ تەسەللى بېرىدۇ. ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىپ دادىسىنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىگە بارمايدۇ. شۇ ئەسنادا ئاللاھ تائالادىن پەيغەمبەرگە، ‹بۇ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ سۆزىدىن چىقمىغانلىقى يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىندى› دەپ ۋەھيى كېلىدۇ».

بۇ ھەدىستىن بىلىمىزكى، ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ نەقەدەر ئولۇغ ئىبادەت سانىلىدىغانلىقى ۋە قىزلىرىنى ئىتائەتمەن، تەقۋادار قىلىپ تەربىيەلىگەن ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بۇ مېھنەتلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى چوقۇم كۆرىدىغانلىقى شۈبھىسىزدۇر. بۇنداق ئاتىلار نېمە دېگەن بەختلىك ئاتىلار، ھە!

شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلار دائىرىسىدە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى ئېرى يامان ئىشلارنى قىلىشقا ياكى پەرز، ۋاجىب قاتارلىق ئەمەللەرنى تەرك ئېتىشكە بۇيرىسا، ئۇنىڭغا قەتئىي بويسۇنماسلىقى لازىم. قىلسىا ساۋاب بولىدىغان، قىلمىسىمۇ گۇناھ بولمايدىغان نەپلى ئىبادەتلەرنى ئېرىنىڭ يۈز ــ خاتىرىسى ئۈچۈن تەرك ئەتسە گۇناھ بولمايدۇ.

ئايال ئاتا-ئانىسى بىلەن ئېرى ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا توغرا كېلىپ قالغاندىمۇ، ئەلۋەتتە ئېرىنى تاللىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى لازىم. ھۇسەين ئىبنى مۇھەسسىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى، «بىر كۈنى مېنىڭ ھاممام  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ھاجىتىنى سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن : ‹سىزنىڭ يولدىشىڭىز بارمۇ؟› دەپ سورىدى، ھاممام: ‹ھەئە، يولدىشىم بار› دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇنىڭدىن: ‹يولدىشىڭىز بىلەن ئاراڭلار قانداقراق؟› دەپ سورىۋىدىم ھاممام: ‹ياخشى، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەن› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ‹ئۇنۇتماڭكى، يولدىشىڭىز سىزنىڭ جەننىتىڭىز ياكى دوزىخىڭىزدۇر (يەنى يولدىشىڭىزنىڭ ھەققىنى ئادا قىلسىڭىز ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن جەننەتكە كىرىسىز، ئەگەر ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىسىڭىز، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن دوزاخقا كىرىسىز) دېدى›» .

 «ئىنساف» دېگەن كىتابتا «ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن ئاتا-ئاناىسىنى يوقلاشقا بارسا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى زۆرۈردۇر»  دەپ يېزىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلىپ: «ئىنساننىڭ ئىنسانغا سەجدە قىلىشى توغرا ئەمەس، ئەگەر ئىنسانغا سەجدە قىلىش دۇرۇس بولىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئايالنى ئېرىگە سەجدە قىلىسقا بۇيرۇغان بولاتتىم»  دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئايال ئەگەر بەش نامىزىنى مۇكەممەل ئوقۇسا، رامىزان روزىسىنى تولۇق تۇتسا، نومۇسىنى ساقلىسا، ئېرىگە ئىتائەت قىلسا، ئۇنىڭغا: ‹جەننەتكە قايسى ئىشىكتىن خالىسىڭىز كىرىڭ› دېيىلىدۇ» .

 ئانا تۇنجى مۇئەللىمدۇر

پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيەسىدە ئانىلارنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ياخشى ۋە ئۈلگىلىك ئانىلار ئۆزلىرىدەك ياخشى ۋە ئۈلگىلىك بالىلار يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ. يامان ۋە ئەخلاقسىز ئانىلارنىڭ قولىدا يېتىشكەن بالىلارمۇ ئاشۇ ئانىلاردەك بولۇپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئانا بولغۇچىلارنىڭ بىلىملىك،  ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشى ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى ئائىلە بالىلارنىڭ ئىپتىدائى مەكتىپى بولۇپ، بۇ مەكتەپتە ئاتىنىڭ رولىدىنمۇ ئانىنىڭ رولى ئەلۋەتتە چوڭ. بالىلار كۆپرەك ئانىسى بىلەن بولىدۇ. كۆپ نەرسىلەرنى ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ. بالىلار كېيىن، رەسمى مەكتەپكە بېرىپ، ئائىلىدە قوبۇل قىلغىنىغا زىت كېلىدىغان، ھەرخىل پىكىرلەرنى قىسمەن قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە دەسلەپ قوبۇل قىلغان ئەقىدىسى، پىكرى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭغا زىت پىكىرلەر ئۇنى ئازدۇرۇپ كېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ دەسلەپكى قەلبى خۇددى ئاپئاق قەرغەزگە ئوخشاش ساپ بولىدۇ. مانا بۇلار تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يەكۈنىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بايان قىلىپ: «ئەر ئۆز  ئەھلىگە، ئايال ئۆي ئىچىگە مەسئۇلدۇر»( ) دەپ كۆرسەتكەن. ھەربىر ئاتا-ئانا ۋە ھەربىر تەربىيەچى ئۆزىنىڭ قول  ئاستىدىكىلەرگە مەسئۇلدۇر. ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاتىنىڭكىگە قارىغاندا چوڭ ۋە مۇھىم. چۈنكى بالىلار كۆپىنچە ئانىسى بىلەن بولىدۇ ۋە ھاياتىدا ئەڭ دەسلەپ ئانىسىنىڭ تەربىيەسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

11- ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس  ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرىدە، ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە ئۈگۈت بېرىپ مۇنداق دېگەن:

تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز-ئوغۇل،

ئاڭا تەربىيەچى سەن ئۆزۈڭلا بول.

مىسىرلىق شائىر ھافىز ئىبراھىم ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رولىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

                             الأُمُّ مَـدْرَسَــةٌ إِذَا أَعْـدَدْتَـهَـا

                               أَعْـدَدْتَ شَعْبـاً طَيِّـبَ الأَعْـرَاقِ

تەرجىمىسى:

ئانا ئۆزى بىر مەكتەپ، يېتىشتۈرسەڭ سەن ئۇنى،

يېتىشتۈرىسەن تېگى پاك، ئېسىل بىر مىللەتنى.

 

بىر ئائىلىنىڭ تەربىيەسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەربىيەسىنىڭ يېتەرسىز قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئۇلىدۇر. ئۇلى مەھكەم بولمىغان بىنا ئۆرۈلۈشكە مەھكۇم بولغاندەك، ئائىلە تەربىيەسى ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغان جەمئىيەت ۋە مىللەت ھەر قاچان ۋەيرانلىققا مەھكۇمدۇر.

ئەھمەد شەۋقىي بۇ مەنىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن:

                                                     إنما الأمم الأخلاق مابقيت

فإن هم ذهبت أخلاقهم ذهبوا

تەرجىمىسى:

ئەخلاق بىلەن ھەر مىللەت راۋاجلىنىپ داۋام ئېتەر،

ئايرىلغانلار ئەخلاقتىن زاۋاللىققا ھــامــان كېتـــەر.

 

بالىلارنى چىن مەنىدە مۇسۇلمان قىلىش ئۇلارنى دوختۇر قىلىشتىن، ئىنژېنېر قىلىشتىن، فىزىكا مۇتەخەسسىسى قىلىشتىن، بىيولوگىيە مۇتەخەسسىسى قىلىشتىن، ئۇستا ھۈنەرۋەن قىلىشتىن ۋە  جاھاندىكى بارلىق نەرسىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى بالىلار چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولسا، ئۇلار ئاۋۋال ئۆزىنى، ئاندىن باشقىلارنى بەختلىك قىلالايدىغان، ئاللاھ تائالانى رازى قىلالايدىغان، دىنىغا، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە ۋە جىمى ئىنسانىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان، ھاياتلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان، ياراملىق ۋە پايدىلىق ئىنسان بولۇپ چىقىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى

ئايالنىڭ ھاياتلىقتىكى ۋەزىپىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ۋە شەرەپلىك بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ئاياللارنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ئەڭ ئۇيغۇن يارىتىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئىنسان نەسلىنىڭ يەر شارىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ئانىلارغا مۇھتاجدۇر. پىسخولوگىيە، تەربىيە ئالىملىرى ۋە بىيولوگىيە مۇتەخەسسىلىرى ئايالنىڭ يارىتىلىشىدىنلا ئانىلىققا ھازىرلانغانلىقىنى يەكۈنلەيدۇ. ئايال ئۆتەيدىغان ئانىلىق ۋەزىپىسىنى ئەرلەردىن بىرەرسىمۇ ئۆتىيەلمەيدۇ. ھەتتا پۈتۈن ئەرلەر جىنسى بىرلىشىپمۇ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمايدۇ. ئانىنىڭ بالىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن بولۇشى ئانا _ بالا ھەر ئىككىلىسى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىكتۇر. ئانا ھەردائىم ئۆز بالسىنىڭ يېنىدا بولۇشىنى، ئۇنى ئۆز قولى بىلەن بېقىپ، باغرىغا بېسىشى ئارقىلىق ئانىلىقنىڭ ھۇزۇرىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بالىمۇ ئانىنىڭ مېھرى _ شەپقىتىگە موھتاجدۇر. ئۇنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ تەربىيسى ۋە پەرۋىشى ئاستىدا بولۇشقا بولغان ئېھتىياجى ئانىسنىڭ تەبىئىي تاتلىق سۈتىدىن ھۇزۇرلىنىشقا بولغان ئېھتىياجىدىن كۈچلۈك بولىدۇ.

ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىسى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ، ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ بىر پارچىسى بولغان، ئەڭ قىممەتلىك بالىلىرىنى ئۆزلىرى ھەر ۋاقىت باغرىغا باسماي، باشقا بىرسىنىڭ تەربىيىلىشىگە تاشلاپ قويۇشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر. ئەلۋەتتە ئاياللار ئۈچۈن ئىشتىن ۋە پۈتۈن دۇنيا بايلىقلىرىدىن ئۇلارنىڭ بالىلىرى قەدىرلىك ۋە ئەۋزەلدۇر. توغرا، ئائىلىنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن بەزى ئاياللار سىرتتا ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن، ئاتا بولغان ئادەمنىڭ قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى ئۆزى يالغۇز كۆتۈرۈش بۇرچى بار. شۇڭا ئەرلەر جىسمانىي جەھەتتە ئاياللاردىن كۈچلۈك يارىتىلغان. ئائىلە ئېھتىياجلىرىنى ئاتىلار جايىدا تولۇقلىسا، ئانىلارمۇ ئۆز ئۆيىدە ئارامىدا ئولتۇرۇپ بالىلىرىنى تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.

مەنبە: dinhayat.com